ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 1 – ئاپرېلدىن 7 – ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1412 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى.

2127976
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولغان ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتقا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 1 – ئاپرېلدىن 7 – ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1412 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولغان.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا ئامىستېردام سچىپھول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1326 ئۇچۇش بىلەن ئىككىنچى، لوندون ھېتسروۋ ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1293 ئۇچۇش بىلەن ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر