ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2125711
ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتتە تۈركىيە - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانىڭ سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە كۈچەيتىش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۈلگىلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، كېيىنكى باسقۇچتا ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستاندىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ،  زەردارىنىڭ قەدىر كېچىسىنى ۋە يېقىنلاپ قالغان روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر