تۈركىيە قازاقىستانغا ھەر تۈرلۈك ياردەم بېرىشكە تەييار

تۈركىيە قازاقىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى مۇناسىۋىتى ھال سوراش ئۇچۇرى ئېلان قىلدى.

2125720
تۈركىيە قازاقىستانغا ھەر تۈرلۈك ياردەم بېرىشكە تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈمەنلىگەن قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا مەجبۇر قالغانلىقىدىن ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر زىيانلاردىن قاتتىق قايغۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قازاقىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش  تىلەكلىرى يەتكۈزۈلدى ۋە: «تۈركىيە ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشتۇر ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىشكە تەيياردۇر» دېيىلدى.

قازاقىستاندا قار ئېرىشى بىلەن يۈز بەرگەن كەلكۈنلەر داۋالاشماقتا. كەلكۈننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن رايونلاردىن ھازىرغا قەدەر 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر