ئەردوغان ئاياسوفىيائى كەبىر جامەسىدە جامائەتكە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيائى كەبىر جامەسىدە جۈمە نامىزى ئۆتىگەندىن كېيىن جامائەتكە خىتاب قىلدى.

2125531
ئەردوغان ئاياسوفىيائى كەبىر جامەسىدە جامائەتكە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس جامائەتنىڭ قەدىر كېچىسىنى تەبرىكلەپ: «رەببىم قەلبىڭلارنى بىر ۋە باراۋەر قىلسۇن» دېدى ۋە سۆزىنىڭ داۋامىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «قېرىنداشلىرىمىز ئۇ يەردە ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا. رەببىم بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى زۇلۇمدىن لەيلەئى قەدىر (قەدىر كېچىسى)دىكى دۇئالار ھۆرمىتى ئۈچۈن قۇتۇلدۇرسۇن. بىز ھازىر قىلالايدىغان بارلىق ياردەملەرنى قىلىۋاتىمىز، ئاداققىچە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 103-ئايىتىنى ئوقۇپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىنى، يەنى قۇرئاننى چىڭ تۇتۇڭلار. بۆلۈنمەڭلار. ئاساسلىق مەسىلە بۇ. بىز بۆلۈنمەيمىز، بىر بولىمىز، باراۋەر بولىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەرۋەردىگارىم كۈچىمىزنى، قۇۋۋىتىمىزنى دائىم قىلسۇن. رەببىم بىزنى رامىزانى شەرىفكە نائىل قىلغاندەك، ئىنشائاللاھ، بايرامغىمۇ نائىل قىلسۇن. بىزنى ھېيتنى ھېيتتەك ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلسۇن. ئاللاھتىن بىرلىكىمىزنى مەڭگۈلۈك قىلىشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر