ئەردوغان قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
جۇمھۇر رەئىسرەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام ئالەمىنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە «مىڭ ئايدىنمۇ ياخشىراق» دەپ خۇش بېشارەت بېرىلگەن قەدر كېچىسىنى تەبرىكلىدى.
2125504
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «خەلقىمىزنىڭ ۋە ئىسلام ئالەمىنىڭ قۇرئان كەرىمدە <مىڭ ئايدىنمۇ خەيرلىك> ئىكەنلىكىدىن خۇش بېشارەت بېرىلگەن لەيلەئى قەدىر (قەدىر كېچىسى)نى تەبرىكلەيمەن. رەببىمدىن بىزنى يەنە نۇرغۇن رامىزانلارغا، نۇغۇن قەدىر كېچىلىرىگە، نۇرغۇن ھېيتلارغا ياخشىلىق، ساغلاملىق، تىنچلىق ۋە بەخت-سائادەت بىلەن ئېرىشتۈرۈشىنى تىلەيمەن» دېدى.