فىدان بىريۇسسېلدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا ئايرىم دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

2124584
فىدان بىريۇسسېلدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاكان فىدان گىرېتسىيە، فىنلاندىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئۇ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس ئىراپېترىتىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىسنىڭ مايدىكى تۈركىيە زىيارىتىنىڭ تەييارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

فىدان فىنلاندىيەلىك مەنسەپدىشى ئېلىنا ۋالتونېن بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، تۈركىيە-فىنلاندىيە-شىۋېتسىيە ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى مىنىستىر تۈركىيە-فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خاكان فىدان جەنۇبىي كورېيە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو تەيۇل بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

فىدان بىلەن چو 7-ئايدا ئىمزالانغان «تۈركىيە-كورېيە مۇناسىۋىتى يول خەرىتىسى»نى ئاساس قىلغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مەسىلىسى، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

مىنىستىر فىدان يەنە بۇلغارىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيا گابرىئېل بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر