تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئەلچىخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىران ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2124023
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئەلچىخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆتكۈزۈۋاتقان خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا يېڭى بىر خىلاپلىق قىلمىشىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ ھەرىكەتنىڭ پۈتكۈل رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى مۆتىدىل ۋە ئىجابىي ھەرىكەت قىلىشقا شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

دەمەشىقتە ئىران ئەلچىخانىسى جايلاشقان كونسۇلخانا بىناسىغا 2-ئاپرېل (2024) ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ ئىككى گېنىرالنى قوشقاندا يەتتە ئىران پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ھۇجۇمدا يەنە، ئالتە سۈرىيەلىكنىڭمۇجېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 13 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.  

ئىران ھۇجۇمنى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئىران ھۇجۇمغا قارىتا تېگىشلىك ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر