خاقان فىدان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى ئۈچۈن بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باشلىقلار يىغىنىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدۇ.

2124053
خاقان فىدان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى ئۈچۈن بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 3 - ئاپرېلدىن 4 – ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024 – يىلىنىڭ تۇنجى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يىغىندا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى.

يىغىن كۈنتەرتىپىدە، ئومۇمىي چېكىندۈرگۈچ كۈچكە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم.  

يىغىندا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ئەزا بولغاندىن كېيىنكى ناتونىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى شۇنداقلا ۋاشىنگتون باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

مىنىستىر خاقان فىدان يىغىندا ناتونىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ ناتونىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ناتونىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

خاقان فىدان يەنە، ئىتتىپاقداشلارنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئۆزئارا ئېمبارگو ۋە چەكلىمە قويۇشىنىڭ ناتونىڭ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار كۆز قاراشلىرىنى يەتكۈزىدۇ.

يىغىن جەريانىدا، مىنىستىر فىداننىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، بۇلغارىيە ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر