فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2123515
فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 2024-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى 3-، 4-ئاپرېل كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدۇ؛ يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىشتىراك قىلىدۇ.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى ناتونىڭ ئومۇمىي يالتايتىش كۈچى مەسىلىسى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىغىندا، ناتونىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ئەزا بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى ۋە ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مىنىستىر فىدان يىغىندا، ناتونىڭ تېرورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ناتونىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناتونىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

مىنىستىر فىدان يەنە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئۆزئارا جازا ۋە چەكلىمىلەرنى قويۇشىنىڭ ئىتتىپاقنىڭ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ھەمدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ.

ئۇ يەنە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، بۇلغارىيە ۋە فىنلاندىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر