تۈركىيە موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كونسېرت زالىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2119153
تۈركىيە موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋادىكى ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغان ۋە يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز بىگۇناھ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز؛ رۇسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم ئۇچۇر تارقىتىپ، موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى.

بۇ دائىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن، رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى.

فىدان لاۋروۋقا تۈركىيەنىڭ موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ رۇسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تانجۇ بىلگىچ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز موسكۋادىكى بىگۇناھ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەمدە رۇسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈنۈگۈن قوراللىق كىشىلەر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت كونسېرت زالىغا ھۇجۇم قىلىپ، 40 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 60 نەپىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 115 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بولسا، موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 60 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر