باش ئەلچى ئۆنال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال تېررورلۇقنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن بىرلىكتە، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2118726
باش ئەلچى ئۆنال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى ئۆنال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ 13 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيەدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك، سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «تېررورلۇق سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن بىرلىكتە، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلاندى» دېدى.

ئۆنال بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ رېئال نۇقتىدا تۇرۇپ ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيە توقۇنۇشىغا سىجىل چارە تېپىشنىڭ ئاساسلىق تەلىپىنىڭ، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئارزۇلىرىغا ماس كېلىدىغان ئورتاق مىللىي تونۇشنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇ نىشاننى قوللاش ئۈچۈن ئومۇمىي پوزىتسىيەسىگە قايتا قاراپ چىقىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئۆنال: «بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، (سۈرىيەلىكلەرنىڭ) سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلىرىدىكى ئۆزئارا كۈچلەندۈرۈش مۇساپىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇساپىرلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ۋە (سۈرىيەنىڭ) بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى كېچىكتۈرمەسلىك تەخىرسىزلىكتۇر» دېدى.

ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئۈچ ئاساسىي مەسىلىسىدە پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ب د ت نىڭ قوللىشى ئاستىدا سىياسىي مۇساپىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پوزىتسىيە ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولغان نۇقتىلارنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنى ئىككىنچى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھاۋالە قىلىش خاتالىقىغا خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئۆنال: «ئاتالمىش <سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى> بىر بۆلگۈنچى تەشكىلات. ئۇ نە سۈرىيەگە مەنسۇپ ئەمەس، نە دېموكراتىك ئەمەس. ئۇ پ ك ك / ي پ گ نىڭ دەل ئۆزى» دېدى.

ئۆنال پوزىتسىيە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئۈچىنچى نۇقتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدالغان ھالدا يۇرتلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى ئۆنال تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بەرپاچى ئالاقىنى ساقلاپ، كۈچ سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر