تۈركىيە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2116264
تۈركىيە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-مارت خەلقئارا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، ئەزا دۆلەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا زوراۋانلىق قىلىشقا كۈشكۈرتۈش قىلمشىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان مەزكۇر قارارنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش كاتىپنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى ئاساس قىلغان كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئۆنال: «ياۋروپادىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇملار ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس قىممەت قارىشىغا قارشى بۇنداق ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە «پىكىر ئەركىنلىكى»نى باھانە قىلىپ رۇخسەت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر قىلمىشلارنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆنال، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە باراۋەرلىككە ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىغا، شۇنداقلا ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسلام دۈشمەنلىكى مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، دېموكراتىيەنىڭ ئۆزىگىمۇ تەھدىت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر