تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) تىكى قانۇنسىز تۇرالغۇ پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنىڭ چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

2112152
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنچۈ كەچەلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ غەربىي قىرغاقتا 3500 تۇرالغۇ سېلىش پىلانى، پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىشقا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا تېخىمۇ كۆپ خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە ئەڭ توغرا ئاتالغۇ بىلەن ئېنىقلىما بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن كەچەلى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ئىشغالىيەت پائالىيەتلىرىنى <قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش> دەپ ئاتىىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە تەۋە بولغان يەرلەرنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل پىكىرلەرگە ئىگە ئولتۇراقلىشىش ۋە دۆلەت پىلان ئىشلىرى مىنىستىرى ئورىت ستروك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، 3500 يېڭى قانۇنسىز ئۆي سېلىشنى تەستىقلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر