تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھامبۇرگدىن ئىستانبۇلغا كېلىدىغان بەزى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ ئايرودۇرۇمىدىكى ئىش تاشلاش نامايىشى سەۋەبىدىن  7-مارت پەيشەنبە كۈنى ئۇچىدىغان بەزى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2111670
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھامبۇرگدىن ئىستانبۇلغا كېلىدىغان بەزى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىستانبۇلدىن ھامبۇرگقا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئەمما ھامبۇرگدىن ئىستانبۇلغا قايتىدىغان TK 1662 نومۇرلۇق، TK 1664 نومۇرلۇق ۋە 1668 TK نومۇرلۇق ھامبۇرگ-ئىستانبۇل نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر