تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %49.9 ى ئاياللاردىن تەشكىل قىلىدۇ
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى (TUIK) «ئىستاتىستىكاتىكى ئاياللار، 2023» ناملىق تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
2111751
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت نوپۇسىنىڭ %49.9 ى ئاياللاردىن، %50.1 ى ئەرلەردىن تەشكىل قىلغان.
تۈركىيەنىڭ ئاياللار نوپۇسى 42 مىليون 638 مىڭ 306 بولۇپ، ئەرلەرنىڭ نوپۇسى 42 مىليون 734 مىڭ 71 كىشىگە يەتكەن.
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ نىسبەت تەڭپۇڭلۇقى ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشى سەۋەبىدىن 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئاياللار توپىدا بەكرەك ئۆزىنى نامايان قىلغان.
ئاياللار نوپۇسىنىڭ 60 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان نىسبىتى %52.1 شۇنداقلا 90 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئاياللارنىڭ نىسبىتى %70.2 بولغان.