تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

2109991
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلىكەچەلى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سوتقا سونۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئىشىنىمىزكى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى غەززەدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھامان بىر كۈنى ئادالەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم غەززەلىكلەرنى قالايمىقان، سىستېمىلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا قىرغىن قىلىشقا خاتىمە بېرىشى كېرەك» دېدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بىر قاتار تۆھمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر