تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ياردەم ئۆچىرىتىدە تۇرۇۋاتقان غەززەلىكلەرنى قىرغىن قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە غەززەلىكلەرنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ، ياردەم ئۆچىرىتىدە تۇرۇۋاتقان بىگۇناھ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشىنىڭ، پەلەستىن خەلقىنى غەرەزلىك ھالەتتە كوللېكتىپ يوقىتىشنى پىلانلىغانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2109540
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ياردەم ئۆچىرىتىدە تۇرۇۋاتقان غەززەلىكلەرنى قىرغىن قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ياردەم كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇمى توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە نابلۇسى مەيدانىدا پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يېڭى بىر جىنايەت قوشتى. غەززەلىكلەرنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ، ياردەم ئۆچىرىتىدە تۇرۇۋاتقان بىگۇناھ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشى، ئۇنىڭ  پەلەستىن خەلقىنى غەرەزلىك ھالەتتە كوللېكتىپ يوقىتىشنى پىلانلىغانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە: «ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك، ئەمما ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قارار چىقارغۇدەك ۋىجدانى يوق. پۈتۈن دۇنيا غەززەدىكى زۇلۇمنىڭ رايوندىن ھالقىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك. بىز بۇ دائىرىدە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە سۆزى ئۆتىدىغان بارلىق قاتلاملارنى غەززەدىكى ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى راشىد كوچىسى دوقمۇشىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساقلاپ تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، 112 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 760 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر