تۈركىيە تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى كوسوۋۇغا يېتىپ باردى

كوسوۋۇنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكتىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يولغا چىققان تۈركىيە ئەسكەرلىرى كوسوۋۇغا يېتىپ باردى.

2109213
تۈركىيە تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى كوسوۋۇغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتونىڭ كوسوۋۇدىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلگىرى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىتالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەترىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناتونىڭ كوسوۋۇدا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ رايوندا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ھەر ۋاقىت بىتەرەپ ھالدا كاپالەتلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» ديىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر