ئەھمەد يىلدىز ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد يىلدىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر پېدېرسېن بىلەن كۆرۈشتى.
2108125
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىلدىز ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مەخسۇس يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن (شىۋېتسىيەنىڭ) جەنۋە شەھىرىدە تۇرماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.