پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە مۇھىم رول ئوينايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2106979
پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە مۇھىم رول ئوينايدۇ
Yvan Gil-Hakan Fidan.jpg
hakan fidan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەخت كاراكاستا ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۋان گىل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مىنىستىر خاقان فىدان تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ھەر سەۋىيەدە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئىقتىساد، سودا، كانچىلىق، ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خاقان فىدان: «تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە ۋېنېزۇئېلا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. بىز بولۇپمۇ رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن نۇرغۇن ئىشلار بار، بىلگىنىڭلاردەك بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە پەلەستىن مەسىلىسىدۇر» دېدى.

خاقان فىدان پەلەستىندە داۋاملىشىۋاتقان ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم، قانۇنسىزلىق، قوش ئۆلچەم ۋە خەلقئارا سىتېمىدىكى چىرىپ كېتىشكە قارشى تۇتقان مەيدانى ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىلغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مەيداندىكى دۆلەتلەرىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەقىقىي پەيدا بولىدىغان بېسىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە بىز بىرلىكتە بۇ زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىلمۇ پەلەستىن خەلقىنى قوغداش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ئۆزلىرىنىڭ «پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنى»، ئەردوغاننىڭ مادۇرو بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىل: «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز. تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرلىكىنى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى رەھبەرلىكىنى ۋە رايوندىكى رەھبەرلىكىنى قەدىرلەيمىز. بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر