قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقتا 8 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە - قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان ۋە بىر ئەسكەر شېھىت بولغان.

2103750
قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقتا 8 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پەنچە - قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بىر بازىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقى ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

توقۇنۇشتا يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ۋە داۋالاشنىڭ باشلانغانلىقى ئەسكەتىلگەن باياناتتا يەنە، «دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 8 تېررورچى توقۇنۇشتا ئۇجۇقتۇرۇلدى. رايوندا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر