سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى —پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

2103706
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالايدىغان يېرى يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىخەتەر جايمۇ يوق! ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر