ئىبراھىم قالىن مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن بۈگۈن گېرمانىيەدە باشلىنىدىغان 60-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

2103215
ئىبراھىم قالىن مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم قالىن يىغىن جەريانىدا، ئىشتىراكچى مەنسەپداشلىرى بىلەن ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىكى) دىپلوماتىيەسى دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، غەززە ۋەزىيىتى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر، تور ۋە تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر