سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2102318
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررور ۋە تېررورچىلارغا قەتئىي يول بېرىلمەيدۇ. قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزمەستىن بىر تەرەپ قىلدى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.