سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2101605
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. بىزنىڭ تېررورنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر