قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2100868
قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «سۈرىيەنىڭ شىمالىنى قانغا بوياش شۇنداقلا رايون خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا مەقسىتى بولمىغان پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر