تۈركىيە 26 - فېۋرالدا خەلقئارا سوتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات سۇنىدۇ

تۈركىيە خەلقئارا سوتنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى قىلمىشلىرى ھەققىدە دوكلات سۇنىدىغان بولدى.

2100409
تۈركىيە 26 - فېۋرالدا خەلقئارا سوتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات سۇنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى خەلقئارا سوتتا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەسلىھەت يىغىنىدا سۇنىدىغان ئاغزاكى دوكلاتلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 دۆلەتتىن باشقا يەنە،  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى 19-فېۋرالدىن 26-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاغزاكى دوكلات بېرىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى  پەلەستىندە قىلغان قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ ئاغزاكى دوكلاتى 26 - فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە سىياسىي ۋە مۇستەملىكە كومىتېتى 2022-يىلى 30-دېكابىردىكى قارارىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن 1967-يىلدىكى ئۇرۇشتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى رەت قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق دېلولارغا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئاڭلاشتىن باشقا يەنە، ب د ت ئورگانلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە ئورگانلارغا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان مەسلىھەت پىكىرلىرىنى سۇنالايدۇ.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2004-يىلدىكى مەسلىھەت يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردا سېلىۋالغان تاملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاياق ئاستى قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر