فىدان بۈگۈن مالتادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مالتا پايتەختى ۋاللېتتادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
2098178
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان بۈگۈن رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋاللېتتادا مالتا تاشقى ئىشلار، ياۋروپا ئىشلىرى، قوشۇمچە سودا مىنىستىرى ئىئان بورگ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
مىنىستىر فىداننى مالتا پىرېزىدېنتى جورج ۋېللا ۋە باش مىنىستىر روبېرت ئابېلامۇ قوبۇل قىلىدۇ.
ۋاللېتتادىكى ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەمدە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.