فىدان: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى خالامدۇ، خالىمامدۇ؟

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى خالامدۇ، خالىمامدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

2097510
فىدان: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى خالامدۇ، خالىمامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالدى ۋە كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سەپىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ مەسىلىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرقى كۈنىگە قاراپ تەجرىبە-ساۋاق ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېڭى قاراشلار نېمىلەرگە پايدىلىق؟ بۇ مەسىلىدە نېمىلەرنى دېدۇق، قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويدۇق، بۇ مەسىلىلەردە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قارار قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى خالامدۇ، خالىمامدۇ» دەپ سوئال قويدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر