ئەردوغان نىگېر باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىگېر باش مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە مىنىستىرى ئەلى ماخامانې لامىنې زېينېنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.
2096477
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر باش مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە مىنىستىرى ئەلى ماخامانې لامىنې زېينې جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. ئۇ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.
ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى بىر-بىرى تونۇشقاندىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن لامىنې زېينې ئايرىم كۆرۈشتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.