قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەدە 13 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۇزغۇنچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2095650
قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەدە 13 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر