ئەلى يەرلىكايا «47-قەھرىمان»  ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىشلىق ئورۇنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە ۋىلايەتتە «47-قەھرىمان» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

2094518
ئەلى يەرلىكايا «47-قەھرىمان»  ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا، ماردىن، بىتلىس، شىرناك، باتمان، سىئىرت، تۇنجەلى ۋە دىيارباكىردا ئېلىپ بېرىلغان «47-قەھرىمان» ھەرىكىتىگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىر يەرلىكايا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىشلىق ئورۇنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە، 1174 خادىم بىلەن قوراللىق ساقچى خادىم، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئاتاك تىك ئۇچارىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ھەرىكەتتە 28 پاناھجاينىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن ساندا راكېتامىيوت، ئۇزۇن نولۇق مىلتىق، قول بومبىسى ھەمدە 159 كىلوگىرام پارتلاتقۇچ ماتېرىيالنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر يەرلىكايا باياناتىدا يەنە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىنى تەكىتلەپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىلىرى بىر-بىرلەپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، بىتچىت قىلىنماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر