تۈركىيە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

تۈركىيە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئېلان قىلغان تەدبىر قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

2094071
تۈركىيە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق «تەدبىر يولغا قويۇش» قارارى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا بۈگۈن ئېلان قىلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ دەرھال شۇنداقلا تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بىز سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان تەدبىرلەرگە پەلەستىندىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم پۇرسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئوتتۇرا شەرقتە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى پەقەت خەلقئارا قانۇن ۋە بېكىتىلگەن پارامېتىرلار ئاساسىدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تۆھپىلەرنى قوشۇش ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر