خاقان فىدان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكانىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەدىن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىقتى.

2091533
خاقان فىدان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر فىدان 23 - يانۋار نيۇ يوركقا يېتىپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى تېمىلىق يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

باياناتتا، مىنىستىر فىداننىڭ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر