قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز 10 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
2091288
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا پەنچە- قۇلۇپ رايونىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەرىكەتتە پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىرتەرەپ قىلىندى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز پولات پەنچىلىرى بىلەن تېررورلۇقنىڭ ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە-قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئېسىل مىللىتىمىزنى تېرورلۇق ئاپەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلدى.