ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، خاكۇرك، قاندىل رايونلىرى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى 25 نىشان ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بىتچىت قىلىندى، نۇرغۇنلىغان پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2088334
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «پ ك ك/ك ج ك ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى خەلقكە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 51 - ماددىسىدىن كەلگەن ئۆزىمىزنى قوغداش ھوقۇقىمىزغا ماس ھالدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، خاكۇرك، قاندىل رايونلىرى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېرورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، «ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە ئىچىدە مەسئۇل تېررورچىلارنىڭمۇ بارلىقى مۆلچەرلەنگەن ئۆڭكۈر، پاناھجاي، ئوق-دورا ۋە ماتېرىيال ئىسكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان 25 نىشان بىتچىت قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا، تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرقى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ، دوست ئامىللارنىڭ، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەر ئېلىندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر