ئەردوغان رەئىسىگە تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىرانلىق مەنسەپدىشى ئىبراھىم رەئىسىگە تېلېفون قىلىپ، تۈنۈگۈن كېرماندا يۈز بېرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

2084097
ئەردوغان رەئىسىگە تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ئىراننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىران خەلقىگە سەۋر تىلىدى ۋە ئىراننى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان تۈركىيە زىيارىتىنى كېيىنكى بىر كۈنگە كېچىكتۈرۈش قارار قىلىندى.

تۈنۈگۈن ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 95 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ھۇجۇمىدا قازا قىلغان سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىراننىڭ كېرمان شەھىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر