سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان تۆت ئەزاسى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.
2083162
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇرۇنۇشلىرى جازاسىز قالمايدۇ! قەھرىمان ئارمىيەمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىغا پاراكەندىلىك سالماقچى بولغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.