فىرانسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 20 تۈركىيە پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى

فىرانسىيە برېتونيا رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئوت كېتىش سەۋەبىدىن موتورى بۇزۇلغان پاراخوتتىكى 20 تۈركىيەلىك خادىم قۇتقۇزۇۋېلىندى.

2082075
فىرانسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 20 تۈركىيە پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، برېتونيانىڭ پېنمارچ بازىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن (28-دېكابىر) «گۇانا» ناملىق پاناما بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتنىڭ موتورىغا ئوت كەتكەن.

ئاتلانتىك دېڭىز ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، پاراخوتتىكى 20 تۈركىيەلىك خادىمنىڭ بەزىلىرى تىك ئۇچار بىلەن، بەزىلىرى باشقا پاراخوتلار بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 14 تۈركىيەلىك خادىم تۈنۈگۈن (28-دېكابىر) شۇ يەر ۋاقتى 23.00 تە «Lanveoc-Poulmic» دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قالغان ئالتە دېڭىزچى فىرانسىيەنىڭ برېست شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىسپانىيەنىڭ «Esperanza del Mar» ئىسىملىك پاراخوتىغا چىقىرىلغان.

گۇانا پاراخوتىنىڭ تۈركىيەگە تۆمۈر رۇدىسى توشۇيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، تۈركىيەنىڭ نانت كونسۇلخانىسىنىڭ پاراخوتتىكى 20 تۈركىيەلىك خادىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر