تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا كىرىشى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى تەستىقلاشنىڭ ئۇيغۇنلۇقىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپى»نى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.

2080011
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، كومىتېتنىڭ 26-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى 15.00 دە يىغىن چاقىرىپ، خەلقئارا كېلىشىملەرنى تەستىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك 10 قانۇن تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كۈنتەرتىپنىڭ 10-ماددىسىدا، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش كېلىشىمىنى تەستىقلاشقا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى ئورۇن ئالدى.

11-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلىغان مەزكۇر تەكلىپكە ئالاقىدار سۆھبەتلەر كېچىكتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر