تۈركىيە چېخىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پىراگادا يۈز بەرگەن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلغان قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن چېخىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

2079589
تۈركىيە چېخىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى چېخىيە پايتەختى پىراگانىڭ مەركىزىگە قايلاشقان كارلس ئۇنىۋېرستېتى پەلسەپە فاكۇلتېتىدا يۈز بەرگەن ۋە 15 تىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «پىراگادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە چېخىيە خەلقىگە سەۋر تىلەيمىز» دېدى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا، ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ۋەقەدە زىيانغا ئچۇرىغان ھېچقانداق تۈركىيە پۇقراسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، پىراگادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ چېخىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ چېخىيەدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى ھەمبەھرلىدى.

چېخىيە پايتەختى پىراگاغا جايلاشقان كارلس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا تۈنۈگۈن (21-دېكابىر) يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا ئەڭ ئاز دېگەندە 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 24 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر