خاقان فىدان تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە پارلامېنت كومىتېتى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە پارلامېنت كومىتېتىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك رەئىسى سېرگېي لاگودىنسكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2078593
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكس (X( ئادرېسىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە پارلامېنت كومىتېتىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك رەئىسى سېرگېي لاگودىنسكىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان ئەنقەرەدە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە پارلامېنت كومىتېتىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك رەئىسى سېرگېي لاگودىنسكىينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى» دېيىلدى.