ئىراق مىنىستىرلىرى بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بۈگۈن (19-دېكابىر) ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سابىت ئەل ئابباسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

2078270
ئىراق مىنىستىرلىرى بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن، ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سابىت ئەل ئابباسى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولىدۇ. زىيارەت دائىرىسىدە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى رايون خاراكتېرلىك مەسىلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر