تۈركىيە ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياتاقخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 14 كىشى ئۈچۈن ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى.

2074518
تۈركىيە ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىنىڭ سوران ناھىيەسىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياتاقخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 14 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق. ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر