تۈركىيە: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەردە  ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش قارارى چىقىرىلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2074285
تۈركىيە: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئېلان قىلىنغان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەردە  ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش قارارى چىقىرىلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ قوشۇمچە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش قەدەملىرى دائىرىسىدە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىنى قوللايمىز.»

«تۈركىيە جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن بىرىنى تشكىل قىلىدىغان ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا دەرھال تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر