تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى ئافغان ئاياللارغا ياردەم قىلدى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىدە ئافغان ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
2074290
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھېرات ۋىلايىتىنىڭ گوزەرە ناھىيەسىدە ئافغانىستانلىق ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن، ئۇلارغا شاكىراب ۋە مۇراببا سېخى قۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، شاكىراب ۋە مۇراببا ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەنگەن شاكىراب ۋە مۇراببا سېخىدا كەم دېگەندە 25 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.