جەۋدەت يىلماز تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

مۇئاۋىن  جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز «7-نۆۋەتلىك تۈركىيە-تۈركمەنىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنى» دائىرىسىدە تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2072874
جەۋدەت يىلماز تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلماز ئەتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەمەدوۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئابىدەسىنى زىيارەت قىلىدىغان يىلماز، تۈركمەنىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەرمەنكىسى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنى ئاچىدۇ.

جەۋدەت يىلماز تۈركمەنىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باتىر ئاتدايېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاتدايېۋ بىلەن بىرلىكتە 7-نۆۋەتلىك تۈركىيە-تۈركمەنىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە كومىتېتنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

يىلماز تۈركىيە – تۈركمەنىستان سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىدۇ، ئاندىن «ئارقاداغ» ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھىرى ۋە خەلقئارا ئاختالتەكە چەۋەندازلىق تەنتەربىيە مەيدانىنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر