ئۆنجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوھېنغا قاتتىق رەددىيە بەردى

ئۆنجۈ كەچەلى نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ئۇنىۋېرسال پرىنسىپلارنى پۈتۈنلەي ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان ئىشغالىيەتچى پوزىتسىيى ئىكەنلىكىنى تەكىلتىدى.

2071816
ئۆنجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوھېنغا قاتتىق رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوھېننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يازغان يازمىسى ھەققىدە: «ئىشغالىيەتچى بىر كۈچنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان قانخورلارچە ھۇجۇملىرىنى ھېچ بىر شەكىلدە <ئۆزىنى قوغداش> دەپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى كوھېننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى يازمىسىغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

ئۆنجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ ئۆتمۈشىدىمۇ كۆرگىنىگە ئوخشاش، پەلەستىنلىكلەرگە داۋاملىق زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكىنىمۇ يوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىشىغا ئەگىشىپ، كوللېكتىپ ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆنجۈ كەچەلى: «نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ ئاساسسلىق سەۋەبى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى  شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇنىۋېرسال پرىنسىپلارنى پۈتۈنلەي ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان ئىشغالىيەتچى پوزىتسىيىسىدۇر. مەسلىنى كېڭەيمىچىلىك ئېڭى ۋە زۇلۇم ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغاندۇر. ئىشغالىيەتچى بىر كۈچنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان قانخورلارچە ھۇجۇملىرىنى ھېچ بىر شەكىلدە <ئۆزىنى قوغداش> دەپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر