قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى ئال ئەتىييە ئەنقەرەدە...

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئال ئەتىييە بىلەن كۆرۈشتى.

2071016
قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى ئال ئەتىييە ئەنقەرەدە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر رەسمىي مېھمىنى سۈپىتىدە پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن قاتارلىق مەنسەپدىشىنى ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى؛ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرى ئوقۇلغان مۇراسىمدىن كېيىن، قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى ئەسكەرلەرگە سالام بەردى.

مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

گۈلەر بىلەن ئال ئەتىييە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر