يەرلىكايا كوسوۋولۇق مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا تۈنۈگۈن كوسوۋانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خېلال سۋېچلا بىلەن كۆرۈشتى.
2063213
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كوسوۋالىق مەنسەپدىشى سۋېچلانىڭ زىيارىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.
مىنىستىر يەرلىكايا ئۆزىنىڭ مىنىستىر سۋېچلا بىلەن مىنىستىرلىقلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەشكىللىك جىنايەت شايكىلىرىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.